All scholars
  1. Home
  2. Scholars
  3. Ayhan Ana
Portrait of Ayhan Turdi, known as Ayhan Ana (1882–1942), Uyghur educator of Ghulja who founded a school for orphaned childrenARCHIVE 012
Ayhan Turdi, "Ayhan Ana" (1882–1942), founder of a charitable school in Ghulja.ئايخان تۇردى، «ئايخان ئانا» (1882–1942)، غۇلجىدىكى خەيرىيە مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى.Restored archival portrait — Idirak Uyghur Scholars Archive

Modern era · 19th century – 1949

ئايخان ئانا

Ayhan Ana · Ayxan Ana

1882 – 1942

ئايخان مەكتىپىنى قۇرغۇچى ، مائارىپچى

EducatorمائارىپچىPhilanthropistخەيرىيەتچىSchool founderمەكتەپ قۇرغۇچى
Born
1882 · Ghulja (Yining), Ili
Died
1942
Period
Modern era · 19th century – 1949
High-res
Also written as

Ayxan Ana · Ayhan Turdi · Ayxan Turdi · Mother Ayhan · Ayhan Xanim

ENGLISH SUMMARY

Ayhan Ana

Ayhan Turdi — known to generations of children simply as Ayhan Ana, "Mother Ayhan" — was a Uyghur educator and philanthropist from Ghulja. Born in 1882, the daughter of the merchant Turdi Bay, she was educated at one of the new science-based schools opened by reformers. Widowed and childless, she spent the entire inheritance left by her husband and father on education, founding a charitable school in 1934 that took in orphaned and street children; at its height more than three hundred children were in her care. Uyghur journals of the 1930s published poems in her honour. She died in 1942.

Ayhan school GhuljaUyghur women educatorsorphan schoolIliYining

UYGHUR BIOGRAPHY

تەرجىمىھال

ئايخان تۇردى (1882–1942 يىلى) ئۇيغۇر، غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكەن تۇردى باي دېگەن كىشىنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ كىچىكىدە ئىلغار زاتلار ئاچقان پەننىي مەكتەپتە ئوقۇغان بولغاچقا، شۇ دەۋرنىڭ ئىدىيىسى ئىلغار كىشىلىرىدىن بىرى ئىدى. غۇلجا قازانچى مەھەللىسىدە 70 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بار (ھازىرقى 21 – باشلانغۇچ مەكتەپ)، ھازىرغا قەدەر بەزى كىشىلەر بۇ مەكتەپنى ‹‹ئايخان مەكتىپى›› دەپ ئاتايدۇ. بۇ مەكتەپنى قۇرغۇچى - دەل ئايخان تۇردى ئانىدۇر. ئايخان ئانىنىڭ يولدىشى ئالەمدىن ئۆتكەندە ئۇلارنىڭ پەرزەنتى يوق ئىدى. كېيىن، ئايخان ئانا ئىنتايىن غېرىبسىنىپ قالغان. ئۇ جەمئىيەتتىكى كوچىدا قالغان بالىلارنى كۆرۈپ ئۇلارنى بېقىۋېلىپ ئوقۇتۇش نىيىتىگە كېلىدۇ. يولدىشى ۋە دادىسى قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسلارنىڭ ھەممىسىنى مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولىدۇ. 1934–يىلى ئۆزىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدىكى قورۇسىدا يېتىم بالىلار مەكتىپى ئېچىپ، ئۇنىڭغا «خەيرىيە» مەكتىپى دەپ ئىسىم قويىدۇ. كېيىن مەھەللىدىكى كىشىلەر بۇ مەكتەپنى «ئايخان» مەكتىپى دەپ ئاتاپ كەلگەن. ئەينى چاغدىكى فىئودال مۇستەبىت كۈچلەر ئىنتايىن جاھىل بولغاچقا، ئاياللارنىڭ مەكتەپ ئېچىشىغا زور دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلغان. بەزى بايلار: «بۇ دۆت ئايال بىر توپ بالىلارنى بېقىۋېلىپ بىكاردىن – بىكار پۇل خەجلەۋاتىدۇ» دەپ مەسخىرە قىلىشقان. ئەمما بۇلار ئايخان ئانىنىڭ مەكتەپ قۇرۇش ئىرادىسىنى قىلچىمۇ تەۋرىتەلمىگەن. رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن «ئاپرېل سىياسىي ئۆزگۈرۈشى» نىڭ سىياسىي تەسىرىدە، ئايخان ئانىنىڭ مەكتەپ قۇرۇش ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشقان. ئەينى چاغدا مەكتەپتىكى يېتىم بالىلار 300 نەچچىدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاق كوپتا ۋە زىغزىق تۇتۇلغان بۇرۇلكا كىيگەچكە كوچىدا ماڭسا، ھەممەيلەن ئۇلارنى ئايخان مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دەپ بىلەتتى. ئايخان ئانا مەكتەپتىكى بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن بالىلارنىڭمۇ ھامىيسى بولغان. ئۇ بالىلارنى تەربىيىلەپلا قالماي، چوڭ بولۇپ قالغان بالىلارنى ئۆي- ئوچاقلىق قىلىپ قويغان. شۇڭلاشقا، مەكتەپتىكى بالىلار ئۇنى«ئايخان ئانا» دەپ ئاتايتتى. ئۇنىڭ باشلامچىلىقى بىلەن، بەزى ئىلغار ئىدىيىدىكى كىشىلەر ئاتىلار كومىتېتىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدە، ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ نۇرغۇن پەننىي مەكتەپلەرنى قۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرغان. 1934 – يىلدىن1937– يىلىغىچە، ئەينى چاغدىكى «ئىلى دەريا» ژورنىلىنىڭ قوشۇمچە سانىدا «ئۆمرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن ئايخان ئانا»، «خەيرىيە مەكتەپكە مەدھىيە»، «يېتىم بالىلارنىڭ ئانىسى ئايخان»، «ئۇيغۇر قىزى»، «ئايخان خانىم» قاتارلىق نۇرغۇن شېئىر ۋە ئوبزورلار ئېلان قىلىنىپ، ئايخان ئانىنىڭ مەرىپەت سۆيەر روھى يۈكسەك دەرىجىدە مەدھىيىلەنگەن.