ARCHIVE 008Modern era · 19th century – 1949
مەخسۇت مۇھىتى
Maqsut Muhiti · Mexsut Muhiti
b. 1885
تۇرپان ئاستانىلىق. ئۇيغۇر سودىگەر، مائارىپچى ۋە ئىنقىلابچى. 1932- يىلىدىكى تۇرپان دېھقانلار قوزغىلاڭىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى
EducatorمائارىپچىMerchantسودىگەرRevolutionaryئىنقىلابچى
- Born
- 1885 · Ghujamaldi quarter, Astana, Turpan
- Period
- Modern era · 19th century – 1949
Mexsut Muhiti · Maxsut Muhiti · Mahsut Muhiti · Maqsud Muhiti · Mäxsut Muhiti
ENGLISH SUMMARY
Maqsut Muhiti
Maqsut Muhiti was a merchant, patron of education and revolutionary from Astana in Turpan, born in 1885 as the second son of Muhit Haji. Educated in the religious schools of Astana, he later traded alongside his elder brother Mosul Muhiti and used that wealth to fund modern schooling. He was among the leaders of the Turpan peasant uprising of 1932.
Turpan uprising 1932Astana TurpanUyghur education patron
UYGHUR BIOGRAPHY
تەرجىمىھال
مەشھۇر مەرىپەتپەرۋەر زات،ئوت يۈرەك ئىنقىلابچى،تەرەققىيپەرۋەر زىيالى مەخسۇت مۇھىتى مۇھىت ھاجىنىڭ 2- ئوغلى بولۇپ،1885-يىلى تۇرپان ئاستانىنىڭ غۇجامئالدى مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن. بالىلىق مەزگىللىرىدە ئاستانىدىكى دىنىي مەكتەپ، مەدرىسەلەردە ئوقۇغان.كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاكىسى موسۇل مۇھىتى بىلەن بىللە سودىگەرچىلىك ئىشى بىلەن ئۈرۈمچى، چۆچەكلەرگە ۋە روسىيەنىڭ شەمەي، قازان، موسكۋا قاتارلىق شەھەرلىرىگىچە بېرىپ،بىر تەرەپتىن تىجارەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن سەيلى-ساياھەت، تۇرمۇش ئۆگىنىش بىلەن مەشغۇل بولغان.ئۇ بۇ يەردىكى يېڭىلىقلار بىلەن يۇرتىدىكى قالاقلىقنى، جاھالەتنى سېلىشتۇرۇپ، قاتتىق ئىزتىراپقا چۈشكەن ۋە خەلقنى قاراڭغۇلۇقتىن قۇتقۇزۇشقا بەل باغلىغان.
مەخسۇت مۇھىتى 1910-يىللىرى تۇنجى قېتىم روسىيەگە چىققاندا قازان شەھىرىدىكى تاتارلارنىڭ مەدەنىيتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيتىدىن ناھايىتى چوڭ پەرق قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ،تاتار زىيالىيلىرى بىلەن ئۇچىرىشىپ،بۇ ھەقتە پاراڭلاشقان،تاتار زىيالىيلىرى«ئەڭ مۇھىم مەسىلە مەكتەپ ئېچىپ،خەلىقنى ئاقارتىش» دەپ تەكلىپ بەرگەن.ئەينى يىللاردا قاراڭغۇ زۇلمەت قاپلىغان شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا مۇتەئەسسىپ دىنىي مەكتەپلەردىن باشقا،مىللى مەدەنىيەت، مىللى مائارىپىمىزدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس ئىدى.
مۇشۇنداق شارائىتتا مەخسۇ مۇھىتى روسىيەگە بېرىپ قازانلىق تاتار زىيالىي ھەيدەر سايرانىنى تۇرپانغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىدۇ. مەخسۇ مۇھىتىنىڭ ئۇلۇغۋار شىجائىتىدىن تەسىرلەنگەن ھەيدەر ئەپەندى ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ تۇرپانغا كېلىدۇ.شۇنداق قىلىپ مەخسۇت مۇھىتى 1913-يىلى ئۆز قوروسىنىڭ سەل يۇقىرسىدىكى ئاكىسى موسۇل باينىڭ ھويلىسىدا تۇنجى يېڭىچە مەكتەپنى ئاچىدۇ.كېيىنچە«مەخسۇدىيە مەكتىپى»دەپ ئاتالغان بۇ مەكتەپ شەرقىي شەرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى تۇنجى پەننىي مەكتەپ بولۇپ قالىدۇ.
1917-يىلى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىي غەلىبە قىلغاندىن كېيىن مەخسۇت مۇھىتى تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ،توۇپ-تاشقان قىزغىنلىق ۋە ئىشەنچ بىلەن يەنە بىر قېتىم موسكۋاغا سەپەر قىلغان ۋە مۇھىبۇللا ئەپەندى،ئەلى ئىبراھىم،ھېسامىدىن ئەپەندى،شاھى شەرەپ،يەھىمى ۋە گۈلەندەمدىن ئىبارەت ئالتە زىيالىينى ئۆز خىراجىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا ئېلىپ كەلگەن.مەخسۇت مۇھىتى ئۇلاردىن مۇھىبۇللا ئەپەندى بىلەن گۈلەندەم ئاۋىستەينى ئاستانىگە،ئەلى ئىبراھىمنى تۇرپان بازىرىغا،ھېسامىدىن ئەپەندىنى گۇچۇڭغا،قالغان ئىككى ئوقۇتقۇچىدىن بىرىنى ئۈرۈمچى،يەنە بىرىنى چۆچەككە ئەۋەتىپ ئىككىنچى قېتىملىق«مەخسۇدىيە مەكتىپى»نى تەشكىل قىلىدۇ.مەخسۇت مۇھىتى بۇ ئالتە ئوقۇتقۇچىنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشتىن باشقا،شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ،مۇقىم مائاش بەلگىلەپ ئايمۇئاي تولۇق تەمىنلەپ تۇرغان.
بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، نەچچە سىنىپلىق مەكتەپ سېلىش، چەتئەلدىن تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىراجىتى، مەكتەپ خىراجىتى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىنات ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قامداش قاتارلىقلار ئۈچۈن زور خىراجەت كېتەتتى. بۇ نۇقتىنى توغرا چۈشەنگەن مەخسۇت مۇھىتى ئۆزىنىڭ پاراسەتلىك، بىلىملىك، رۇس تىلىنى پۇختا بىلىشتەك ئالاھىدىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ،تىجارەت دائىرسىنى ئىزچىل تۈردە كېڭەيتكەن. چۆچەك، گۇچۇڭ، مورى قاتارلىق جايلاردا كونتېر،دۇكانلارنى،مال ساقلاش ئىسكىلاتلىرىنى قۇرۇش بىلەن بىللە،روسىيەنىڭ شەمەي، قازان شەھەرلىرى بىلەن بولغان سودىسىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. يەنە بىر تەرەپتىن مەخسۇت مۇھىتى ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان مەڭگۈ بۇلاق، چىگىبۇلاق، خېنىمكارىز، قاراغۇجا كارىز، ھاجى كارىز، تۆت سوقما، مۇجاڭ كارىز، ياڭخى قاتارلىق جايلاردىكى كارىزلىرىنى ياخشى باشقۇرغان. شۇڭا، مەخسۇت مۇھىتى كېيىنكى ۋاقىتلاردا«مەخسۇت باي»دەپ ئاتالغان ۋە مۇشۇ بايلىقى بىلەن غايەت زور مەبلەغ كېتىدىغان مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىنى ۋە دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ بىر قىسىم چىقىمنى ئىقتىسادىي كاپالەتكە ئىگە قىلغان.
1927-يىلى مەخمۇت مۇھىتى تۇرپان يېڭىشەھەردە پىچانلىق ئىسكەندەر خوجا قاتارلىقلار بىلەن بىللە «ئاقارتىش بىرلەشمىسى»نامىدا بىر مەرىپەت جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ،3000سەر كۈمۈش ئىئانە توپلىغان.بۇ پۇل بىلەن يېڭىشەھەردىكى نىياز سەيپۇڭ دېگەن كىشىنىڭ قورۇسىدا بىر يېڭى مەكتەپ،كېيىنكى يىلى يەنە يېڭى شەھەر ئاق سارايدا«ھۆرىيەت مەكتىپى»،كونا شەھەر غەربىي قوۋۇقتا بىر مەكتەپ ئاچقان.مەخسۇت مۇھىتى يەنە روسىيەنىڭ قازان شەھىرىدىن دىنىي ۋە پەننىي بىلىمدە توشقان زىيالىي مۇرات ئەپەندىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئېلىپ كېلىدۇ،ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە ئورۇنلاشتۇرغان.مۇرات ئەپەندى 1930-يىللارغىچە مەخسۇت مۇھىتى تۇرپان ئاستانە ۋە چۆچەكلەردە ئاچقان مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.
1931-يىلى مەخسۇت مۇھىتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تۇنجى قارار«مەخسۇدىيە مەكتىپى»نىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئابدۇرۇسۇل قەييۇمى،دۇگامەت خۇدىيارلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىدا ئاستانىدە بىر سىنىپلىق مەكتەپ ئېچىلغان،بۇ مەكتەپنىڭ تەمىناتى،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلەم،دەپتەرلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى مەخسۇت مۇھىتى تەمىنلىگەن.بۇنىڭ بىلەن ئاستانىدە سىرتتىن ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش تارىخىغا خاتىمە بېرىلگەن.شۇنىڭدىن كېيىن مەخسۇت مۇھىتىنىڭ تەسىرى ۋە «مەخسۇدىيە مەكتىپى»ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئىدىقۇت زېمىنىنىڭ ھەممىلا يېرىدە يېڭىچە مەكتەپلەر كەينى- كەينىدىن ئېچىلىشقا باشلىغان.[3]
مىلادىيە 1913- يىلى مەرىپەتپەرۋەر زىيالى،تەرەققىيپەرۋەر ئىنقىلابچى مەخسۇت مۇھىتى تۇرپان ئاستانىدا«مەخسۇدىيە مەكتىپى»نامىدىكى تۇنجى پەننى مەكتەپنى ئاچتى.تۇرپان زېمىنىدا ئاتۇش ئىكساقتىكى «ھۈسەينىيە مەكتىپى» دىن كېيىنلا ئېچىلغان بۇ يېڭىچە مەكتەپ شەرقى شەرقىي تۈركىستان زىمىنى، جۈملىدىن ئىدىقۇت ۋادىسىدىكى تۇنجى مەرىپەت مەشئىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان جەمئىيەتنى ئاقارتىشتا غايەت زور رول ئوينىدى. تۇنجى مەرىپەت مەشئىلى بولغان «مەخسۇدىيە مەكتىپى» بوران-چاپقۇنلۇق 100 يىلنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن،ھازىرقى گۈللەپ ياشنىغان ئېرپان بۆشۈكى ئاستانە مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئايلاندى. ئانا مەكتەپنىڭ 100 يىللىق تويىنى ئۆتكۈزىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە بۇ مەرىپەت باغچىسىنىڭ 100 يىللىق مۇساپىسى ۋە ئېرپان مەشئىلىنى تۇنجى قېتىم تۇتاشتۇرغان تۆھپىكار ئەجدادلارنى ئەسلەپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتۇق.
مىلادىيە 1885-يىلى كۈزدە ئىدىيەسى ۋەتەنپەرۋەرلىك،مەرىپەتپەرۋەرلىك،تەرەققىيپەرۋەرلىك روھى بىلەن سۇغۇرغان ئۇلۇغ زادلاردىن مۇسابايېۋنىڭ ئوغۇللىرى ئاكا-ئۇكا ھۈسەيىنباي بىلەن باۋۇدۇنباي ئاتۇشنىڭ ئىكساق كەنتىدە«ھۈسەينىيە مەكتىپى»نى قۇرۇپ،تەڭرىتاغ باغرىدا تۇنجى يېڭى مائارىپ مەشئىلىنى ياقتى،شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر زېمىنىنىڭ قەدىمكى ئانا ماكانلىرىنىڭ،مەرىپەت ئوچاقلىرىنىڭ بىرى بولغان تۇرپان ئاستانىدا تارىخىمىز مۇھىم روللارنى ئوينىغان مۇھىتى ھاجى ئائىلىسىنىڭ تۇنجى ئوغلى موسۇل باينىڭ قوللىشى بىلەن،2-ئوغلى مەخسۇت مۇھىتى «مەخسۇدىيە مەكتىپى»نى قۇرۇپ،ئىدىقۇت دىيارىنى مەرىپەت مەشئىلى ئاتۇشتىن كېيىنلا ئىككىنچى بولۇپ يالقۇنجىغان زېمىنىغا ئايلاندۇردى



