All scholars
  1. Home
  2. Scholars
  3. Tejelli (Huseyinkhan Ekber)
Portrait of Huseyinkhan Ekber Tejelli (born 1856), Uyghur scholar, poet, physician and chemist of QaghiliqARCHIVE 015
Tejelli — Huseyinkhan Ekber (b. 1856), scholar, poet and physician.تەجەللى — ھۈسەيىنخان ئەكبەر (1856-يىلى تۇغۇلغان)، ئالىم، شائىر ۋە تېۋىپ.Restored archival portrait — Idirak Uyghur Scholars Archive

Modern era · 19th century – 1949

تەجەللى

Tejelli (Huseyinkhan Ekber) · Tejelli (Hüseyinxan Ekber)

b. 1856

ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن ئۇيغۇر دېموكراتىك ئەدەبىياتىنى باغلاشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغۇچى ئەدىبلەرنىڭ بىرى، مەشھۇر ئالىم، ئاتاقلىق شائىر، داڭلىق تېۋىپ، مائارىپچى ۋە خىمىك ھۈسەيىنخان ئەكبەر تەجەللى

ScholarئالىمPoetشائىرPhysicianتېۋىپChemistمائارىپچىEducatorخىمىك
Born
1856 · Ayken village, Zonglang, Qaghiliq (Kargilik)
Period
Modern era · 19th century – 1949
High-res
Also written as

Tejelli (Hüseyinxan Ekber) · Hüsenjan Ekber Tejelli · Huseyinkhan Akbar Tejelli · Tajalli · Tejelli Hezretliri

ENGLISH SUMMARY

Tejelli (Huseyinkhan Ekber)

Huseyinkhan Ekber, known by the pen name Tejelli, was a scholar, poet, physician, educator and chemist, and a bridge between classical Uyghur literature and the democratic literature that followed it. Born in 1856 in Ayken village, Zonglang township of Qaghiliq county, into the family of the religious scholar and physician Qutbidin Shah, he began his studies in Mecca and continued at the Dar al-Muallimin in Delhi, mastering chemistry, medicine, astronomy, history, logic, linguistics and geography as well as Arabic, Persian, Urdu and Hindi. He left behind the manuscript collection "Tejelli Nusxiliri" and trained students who shaped Uyghur medicine for generations.

Tejelli NusxiliriUyghur medicineQaghiliqKargilikUyghur classical literatureUyghur chemistry

UYGHUR BIOGRAPHY

تەرجىمىھال

مەشھۇر ئالىم، بۈيۈك شائىر، داڭلىق تېۋىپ، مائارىپچى ۋە خىمىك ھۈسەنجان ئەكبەر تەجەللى ھەزرەتلىرى مىلادى 1856-يىلى قاغىلىق ناھىيسى زوڭلاڭ يېزا ئايكەن كەنتىدىكى دىنىي ئالىم، ماھىر تېۋىپ قۇتبىدىن شاھ ھەزرەتلىرىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ مەلۇماتىنى مەككىدە ئالغان. كېيىن دىھلى شەھرىدىكى دىھلى دارىلمۇئەللىمىن مەدرىسىدە، ئاندىن ئىراننىڭ ئىسپاغان دارىلفۇنۇننى ۋە ئاۋغانىستاننىڭ كابول دارىلفۇنۇندا ئوقۇغان. تەجەللى ئوقۇش جەريانىدا خىمىيە، تىبابەت، ئىلمىي نۇجۇم، تارىخ، لوگىكا، تىلشۇناسلىق، جۇغراپىيە قاتارلىق ئىلىملەرنى ئۆگىنىپ يۇقىرى ماھارەت ۋە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپلا قالماستىن، ئەرەب، پارىس، ئوردۇ ۋە ھىندى تىللىرىنىمۇ مۇكەممەل ئۆگەنگەن. تەجەللى ئوقۇشنى تۈگىتىپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ ھەمرالىقىدا ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەكەن، قەشقەر، قاغىلىق، گۇما قاتارلىق جايلاردا مۇددەرىسلىك قىلغان ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. خىمىيە ئىلمى بويىىمۇ تەجرىبە تەتقىقاتى ئېىلىپ بېرىپ، ئۇنى تىبابەتچىلىك بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتىرىش ئۈچۈن تىرىشقان. تىبابەتچىلىك، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىمارلارنىڭ دەردىگە داۋا، رەنجىگە شىپا بولۇپ، يوقسۇللارنى داۋالىغاندا ھەق ئالمىغان ياكى ئاز ھەق ئالغان. ئۇ، ئۆزىنىڭ تىببى ماھارىتى بىلەن خەلق ئارىسىدىكى ھەرخىل كېسەللىكلەرنى، جۈملىدىن يۈرەك كېسىلى، ئۆپكە ۋە سىل كېسىلى قاتارلىق كىسەللەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋالاپلا قالماي، بەلكى راك (سەرتان) كېسىلىنىمۇ يىلان گۆشى (زەھىرى) بىلەن داۋالاپ ساقايتقان. دورىگەرلىك جەھەتتە قەدىمكى تىببى كىتابلاردىكى نۇسخىلار ۋە ئۆزى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈپ چىققان نۇسخىلار ئاساسىدا تەرياق، ھەببى زۇفا، ھەببى جەدۋار، ھەببى ئازراقى (سترخىنىن كۇمۇلىسى)، پولات كۇشتىسى، سىماب كۇشتىسى، پۈتۈن بەدەننى كۈچلەندۈرىدىغان ھالۋايى بىزە قاتارلىق ئېسىل دورىلارنى ئىجاد ۋە ئىختىرا قىلىپ خەلقنى داۋالاپ كېسەللىك ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغان. تەجەللى ھەزرەت «تەجەللى نۇسخىلىرى» ناملىق قول يازما كىتابلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەندىن باشقا، نۇرغۇنلىغان شاگىرتلارنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى خەلقىمىزنىڭ سەھىيە ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشقان. خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسىنىڭ 125ياشلىق مۇدىر ۋىراچى مەرھۇم تۇردى ھاجى، قاغلىقتىن يۈسۈپ ئەپەندى، ياسىن ئاخۇن داموللا، سەيدىنا ئەپەندىم (ئاۋغانىستانلىق)، سادىق مەخسۇم، گۇمىدىن مەھمۇد ھاجى، ئىبراھىم ھاجى، قەشقەردىن يۈسۈپ ھاجى قەشقىرى (سۆھبەتدىشى)، مۇسا ئاخۇنۇم قاتارلىقلار تەجەللىنىڭ تىببى ماھارىتىدىن تەربىيە ئالغان داڭلىق تېۋىبلاردۇر. قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇقادىر ھاجىدا <<مىزان تىب» ناملىق بىر كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭ باش ۋە ئاخىرقى قىسىملىرىدا تەجەللىنىڭ يەككە دورا رېتسىپى 75پارچىنى ئىگىلىگەندىن باشقا، قۇرۇق يۆتەلنىڭ رېتسىپى ئۈچ پارچە، قورساق ئاغرىقى (ئىچ ئۆتكۈ)، قىزىل، باش ئاغرىقى، بوۋاسىر، باش، قۇلاق، چىش ئاغرىقلىرىغا شىپا بولىدىغان رېتسىپلار بار. چارۋا ماللارنى داۋالاش توغرىسىدىمۇ رېتسىپلار بار. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلانى ئالىم ھۈسەيىنخان ئەكبەر (تەجەللى)نىڭ تىبابىتىمىزگە قوشقان تۆھپىسى، ئۆزى ياشىغان دەۋرىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە كىشلەر ئارىسىدا مەدھىيلىنىپ كەلمەكتە.