All scholars
  1. Home
  2. Scholars
  3. Abdulqadir Damollam
Portrait of Abduqadir Damolla (1862–1924), Uyghur Islamic scholar and reformer of the Uyghur enlightenment movementARCHIVE 016
Abduqadir Damolla (1862–1924), scholar and reformer of Artush.ئابدۇقادىر داموللا (1862–1924)، ئۇيغۇر ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى.Restored archival portrait — Idirak Uyghur Scholars Archive

Modern era · 19th century – 1949

ئابدۇقادىر داموللا

Abdulqadir Damollam · Abduqadir Damolla

1862 – 1924

ئۇيغۇر ئاقارتىش ھەرىكىتى بايراقدارى

Islamic scholarئالىمReformerئىسلاھاتچىPhilosopherپەيلاسوپPoetشائىر
Born
1862 · Meshhed village, Artush (Atush)
Died
1924
Period
Modern era · 19th century – 1949
High-res
Also written as

Abduqadir Damolla · Abdukadir Damolla · Abduqadir Damollam · Abdulqadir Damolla · Abduqadir binni Abduwaris Qeshqiri

ENGLISH SUMMARY

Abdulqadir Damollam

Abduqadir Damolla — in full Abduqadir binni Abduwaris Qeshqiri — was a scholar, philosopher, poet and reformer, and is remembered as a standard-bearer of the Uyghur enlightenment movement. He was born in 1862 (1279 AH) in the village of Meshhed in Artush, into the family of a farmer named Abduwaris. His teaching and reform of religious education shaped a generation of Uyghur intellectuals. He died in 1924.

Uyghur enlightenmentArtushAtushIslamic reformUyghur jadidismQeshqiri

UYGHUR BIOGRAPHY

تەرجىمىھال

ۋەتەنپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر، تەرەققىيپەرۋەر، مۇتەپەككۇر ئالىم، پەيلاسوپ، شائىر، ئىسلاھاتقا يول باشلىغۇچى ئۇستاز سەركەردە ئابدۇقادىر داموللا بىننىي ئابدۇۋارىس قەشقەرىي ئارتىش(ئاتۇش) مەشھەد يېزىسىدا ھىجىرىيە 1279(مىلادىيە1862-يىلى)-يىلى ئابدۇۋارىس ئىسىملىك دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مەرھۇمنىڭ بالىلىق چاغلىرى ئۆز يېزىسىدا ئۆتكەن. ئىپتىدائىي ئوقۇشنى ئۆز يېرىدە ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن، ئون بەش يېشىدا قەشقەرگە كېلىپ، شەيخۇل ئۆلىما موللا ئىسلام داموللامدا ئوتتۇرا ۋە ئالىي ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن كېيىن، بۇخاراغا بېرىپ، ئىلمى ئەرەبىييە ۋە ئەدەپ پارسىييەدە ئالىي دەرىجىدە ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ يېتىشكەن. ئاندىن قەشقەرگە قايتىپ مۇدەررەسلىك قىلغان. بۇ مەزگىلدە داموللام مەدرىسلەردىكى ئۇسۇلى تەلىمدە ئىسلاھات يۈرگۈزۈش، خەلققە مەرىپەت بېرىشنى پائال تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، بەزەن ئىشان ۋە موللىلار"ئۇسۇلى جەدىت ھارام،ئۇنى ئوقۇغۇچى دەھرىي"دىگەن پىتنىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، داموللامغا قارشى تۇرۇپ، سۈيىقەست قىلماقچى بولغان. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا داموللام ھىجرەت قىلىپ، بۇخارا، تاشكەنت تەرەپكە كەتكەن. ئۇ يەردىكى ئۆلىما-ئەشرەپلەر، داموللا-مۇدەررىسلەر ئابدۇقادىر داموللامغا كاتتا ئېتىبار كۆرسىتىپ، ئۆلىما-ئالىملار قاتارىدىن ئورۇن بەرگەن ۋە ئىززەت-ھۆرمەت كۆرسەتكەن. داموللامنىڭ بۇ سەپىرى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇپ، «ئەقايىدى زەرۈرىييە»(«زۆرۈر ئەقىدىلەر»)، «ئىبادەتۇل_ئىسلامىييە»(«ئىسلام ئىبادەتلىرى»)، «ئىلمى تەجۋىد»(«قىرائەت ئىلمى»)، «سەرف،نەھۋى»(«مورفولىگىيە،سىنتاكسىس») ، «مىفتاھۇل_ئەدەپ»(«ئەدەبىيات ئاچقۇچى»)، «تەئلىمى سەبىييان» («گۆدەكلەرگە تەلىم» ،«نەسايىھۇل_ئەتفال»( «ياش-ئۆسمۈرلەرگە نەسىھەت»)، «ئىلمى ھېساپ» ، «مۇتالىئە ھىدايەت»قاتارلىق كىتاپلارنى يېزىپ، تاشكەنت قازان مەتبەئەلىرىدە باستۇرۇپ تارقاتقان. داموللامنىڭ ئەرەب تىلىدا يازغان «جاۋاھىرول-ئىيقان»(«يېقىنلىق جەۋھەرلىرى») دېگەن مەشھۇر شېئىرىي ئەسىرى مىسىر ئەزھەر دارىلفۇنۇنى كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا. داموللام ھىجىرىيە 1343-يىلى ماھى مۇھەررەمنىڭ (مىلادىيە1924-يىلى8-ئاي)14-كۈنى مۇناپىقلارنىڭ سۈيىقەستى بىلەن پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلدى. (ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە )