All scholars
  1. Home
  2. Scholars
  3. Lutpulla Mutellip
Portrait of Lutpulla Mutellip (1922–1945), Uyghur poet and playwright known for the poem Yillargha JawapARCHIVE 003
Lutpulla Mutellip (1922–1945), Uyghur poet and playwright.لۇتپۇللا مۇتەللىپ (1922–1945)، ئۇيغۇر شائىرى ۋە دراماتۇرگى.Restored archival portrait — Idirak Uyghur Scholars Archive

Modern era · 19th century – 1949

لۇتپۇللا مۇتەللىپ

Lutpulla Mutellip

1922 – 1945

تونۇلغان ئۇيغۇر شائىر، يازغۇچى ۋە دراماتۇرگ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا زور تۆھپە قوشقان. «ئۆچمەس ئىستىقلال ئوتى» شېئىرى بىلەن داڭلىق.

PoetشائىرPlaywrightدراماتۇرگJournalistژۇرنالىست
Born
1922 · Nilqa, Ili, East Turkistan
Died
1945
Period
Modern era · 19th century – 1949
High-res
Also written as

Lutpulla Mutellip · Lutfulla Mutellip · Lutpulla Muttalip · Lutpulla Mütellip · 鲁特甫拉·穆塔里甫

ENGLISH SUMMARY

Lutpulla Mutellip

Lutpulla Mutellip began writing at fourteen and was killed at twenty-three, yet he is among the best known poets of modern Uyghur literature. In a life of barely two decades of work he produced the poems "Yillargha Jawap" ("An Answer to the Years"), "Xiyalchan Tilek" and "Bu Méning Yash Ghunche Gülüm Échilatti", along with plays and journalism. His verse fuses lyric intimacy with open political defiance, and his early death made him a lasting symbol of a generation cut short.

Yillargha JawapUyghur poetryIliNilqaUyghur drama

UYGHUR BIOGRAPHY

تەرجىمىھال

لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان شېئىرىيىتىدە ھەممىدىن تونۇلغان شائىرلارنىڭ بىرى. لۇتپۇللا 14 يېشىدىن باشلاپلا نادىر شېئىرلارنى يېزىشقا كىرىشكەن بولۇپ ،ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە 23 يىللىق ھاياتىدا «يىللارغا جاۋاپ »،« خىيالچان تىلەك»، « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى »قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلارنى ،«پادىشاھ سامورايلىرى ھالسىرايدۇ » « ئەجەل ھودۇقۇشىدا » ناملىق مەشھۇر فېلىيەتونلارنى، ۋە يېقىنقى ئۇيغۇر تارىخدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە رومان «داۋانلار ئاشقاندا»(بۇ ئەسەر يوقۇلۇپ كەتكەن)نى يازغان. شائىر ئەسەرلىرىنىڭ تىلى گۈزەل ،چۈشۈنۈشلۈك ، ئوبرازلىق بولغاندىن سىرىت ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلىقپەرۋەرلىك مەزمۇندارلىقى بىلەن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشىغا ۋە ئۈلگە قىلىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا. شېئىرىيەتتىن باشقا لۇتپۇللا تەشكىلاتچىلىق، دىرامما ئەرتىسلىكى، تەرجىمانلىق ۋە تەھرىرلىكمۇ قىلغان. مۇستەملىكىگە قارشى ئۇيغۇر مىللىي ئازاتلىق كۈرىشى تارىخىدا ئاقسۇدا قۇرۇلغان تەشكىلاتلاردىن 1945-يىلى قۇرۇلغان مەخپىي تەشكىلات «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى»نىڭ قۇرغۇچىسى. 1945-يىلى گومېنداڭ باشچىلىقىدىكى جوڭگۇ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.