All scholars
  1. Home
  2. Scholars
  3. Nimshehit
Portrait of the Uyghur poet Nimshehit (1904–1971), pen name meaning "half-martyr", of Sayram in Bay CountyARCHIVE 005
Nimshehit (1904–1971), Uyghur poet.نىمشېھىت (1904–1971)، ئۇيغۇر شائىرى.Restored archival portrait — Idirak Uyghur Scholars Archive

Modern era · 19th century – 1949

نىمشېھىت

Nimshehit · Nimshéhit

1904 – 1971

18-19-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ۋەكىلى. غەزەل ۋە مەسنەۋى ژانىرلىرىدا كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يازغان.

Poetشائىر
Born
1904 · Sayram, Bay County, Aksu
Died
1971-08-24
Period
Modern era · 19th century – 1949
High-res
Also written as

Nimshéhit · Nimshiiti · Nim Shehit · Ermiye Eli Sayrami · Armiya Ali Sayrami

ENGLISH SUMMARY

Nimshehit

Nimshehit — a pen name meaning "half-martyr" — was born in 1904 in Sayram, in Bay County near Aksu. He studied at a madrasa in Kucha and later at the Khanliq Medrese in Kashgar, then a centre of learning. Wounded during the national uprising in Kashgar in 1933, he took the name Nimshehit in reference to surviving that wound. In October 1945 he joined the National Army of the East Turkistan Republic as it advanced on Aksu and went on to Ghulja. He suffered severe persecution during the Cultural Revolution and died on 24 August 1971.

Uyghur poetryBay CountySayramEast Turkistan RepublicKhanliq Medrese

UYGHUR BIOGRAPHY

تەرجىمىھال

مەرھۇم شائىر نىمشېھىت 1904-يىلى ئاقسۇ باي ناھىيىسىنىڭ سايرام يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ياشلىقىدا كۇچادا مەدرىسىدە ئوقۇپ، 1930-يىللىرى ئەينى زاماندىكى ئېلىم مەركەزلىرىدىن بولغان قەشقەرگە كېلىپ، «خانلىق مەدەرس» تە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېلىم تەھسىل قىلغان. 1933-يىلى قەشقەردە مىللىي ئىنقىلابقا ئىشتىراك قىلىپ، يارىلانغان ۋە شۇندىن كېيىن، «نىمشېھىت»، يەنى «يېرىم جان» دېگەن سۆزنى ئۆزگە تەخەللۇس قىلىپ تاللىغان. 1945-يىلى ئۆكتەبىردە ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيىسىگە قوشۇلۇپ غۇلجاغا كەتكەن. ھالبۇكى، ئۇ ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىنى قاپلىغان قارا كۈنلەردە مىسلىسىز خورلۇق ۋە ئازاب-ئوقۇبەتكە مۇپتىلا بولغان. قاتتىق خورلۇق تۈپەيلى 1971-يىلى 24-ئاۋغۇست بۇ ئالەم بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقان. نىمشېھىت ئۆزىنىڭ ئىجادىي ھاياتىدا «بىلىم ئىشقىدا»، «قىزىم يىغلىماڭ»، «ئۇنتۇما»، «ئالدىدا»، «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات-شىرىن» قاتارلىق شېئىر، داستانلارنى يېزىپ قالدۇرغان. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ قارىشىچە، «ئالدىدا» ناملىق داستان ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇرەككەپلەشكەن بىر مەزگىلدە يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن «جانان» ۋەتەنگە تىمسال قىلىنغان ئىكەن.

EXTERNAL REFERENCES

باشقا مەنبەلەر