All scholars
  1. Home
  2. Scholars
  3. Mahmud al-Kashgari
Portrait of Mahmud al-Kashgari (c. 1008–1105), Karakhanid Uyghur lexicographer who compiled the Diwan Lughat al-TurkARCHIVE 004
Mahmud al-Kashgari (c. 1008–1105), author of the Dīwān Lughāt al-Turk.مەھمۇد كاشىغەرى (تەخمىنەن 1008–1105)، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نىڭ ئاپتورى.Interpretive portrait — Idirak Uyghur Scholars Archive

Karakhanid era · 9th–13th century

مەھمۇد كاشىغەرى

Mahmud al-Kashgari · Mehmud Qeshqiri

1008 – 1105

11-ئەسىردىكى ئۇلۇغ ئۇيغۇر تىلشۇناس ئالىم. «دىۋانۇ لۇغەتىت-تۈرك» ناملىق تۈركىي تىللار لۇغىتىنىڭ ئاپتورى. دۇنيانىڭ تۇنجى تىلشۇناسلىق ئەسەرلىرىدىن بىرىنى يازغان.

LexicographerتىلشۇناسLinguistلۇغەتشۇناسGeographerجۇغراپىيەشۇناس
Born
1008 · Azigh village, Opal, Kashgar
Died
1105
Period
Karakhanid era · 9th–13th century
High-res
Also written as

Mehmud Qeshqiri · Mahmud Kashgari · Mahmud of Kashgar · Mehmud Kashgari · Maḥmūd al-Kāshgharī · محمود الكاشغري · 麻赫穆德·喀什噶里

ENGLISH SUMMARY

Mahmud al-Kashgari

Mahmud al-Kashgari was the eleventh-century scholar who compiled Dīwān Lughāt al-Turk ("Compendium of the Turkic Dialects"), the first comparative dictionary of the Turkic languages and one of the earliest works of descriptive linguistics anywhere in the world. Born around 1008 in the village of Azigh near Opal outside Kashgar, into the Karakhanid ruling house, he travelled across the Turkic-speaking world recording vocabulary, proverbs, verse and a celebrated circular world map. His mausoleum at Opal remains a place of pilgrimage.

Diwan Lughat al-TurkDivanu Lugatit TurkTurkic dictionaryKarakhanidOpal Kashgarfirst Turkic dictionary

UYGHUR BIOGRAPHY

تەرجىمىھال

مەھمۇد كاشغەرىي (محمود الكشغرى) مىلادى 11-ئەسىرلەردە ياشيغان بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى،ئىسىكىپىلۇدىك،ئۇنيڭ دۇنياغا مەشھۇر بولغان ئەسىرى «دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك» (تۈركىي تىللار دىۋانى) دۇرلەر.مەھمۇد كاشغەرىي مىلادى 1008-يىلى بۇگۈنكى قەشقەر شەھرى ئوپال يېزىسى ئازىغ كەنتىدە تۇغۇلغان بولۇپ، قاراخانىيلار خان جەمەتى ئەۋلادىدۇر. ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بۈيۈك ئالىم، ئەدىب، دۇنيا سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقىنىڭ ئاساسچىسى. تەقرىبەن مىلادى 1008-يىلى توغۇلۇپ 1105-يىلى 97 يېشىدا ۋافات بولغان. ھاياتىدا نۇرغۇن تالىپ ۋە شاگىرت يېتىشتۈرۈپ چىققان. مىلادى 1072-1074- يىللار ئارىسىدا ئابباسىيلار خەلىپىلىگى پايتەختى باغداد سەھرىدە دۇنياۋىي بۈيۈك ئەسىرى دىۋانۇ لۇغەت تۈركنى تاماملىغان. « بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى »، قىسقارتىلىپ، ب د ت تەرىپىدىن 2008- يىلى دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى قىلىپ بېكىتىلگەن. نەسەبى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرۇلۇق قولىمىزدىكى دىۋانۇ لۇغاتتىن تۈركنىڭ بەزى يەرلىرىدىكى ئۆزى تەرىپىدىن بېرىلگەن چەكلىك مەلۇماتلاردىن باشقا بىر نەرسە يوق [1].بۇ مەلۇماتلارغا قارىغاندا مەھمۇدنىڭ « ئۆز قەۋمىنىڭ ( يەنە تۈركلەرنىڭ ) ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىسىگە مەنسۇب »[2]ئىكەنلىكى ، دادىلىرىنىڭ يەنى ئەجدادىنىڭ[3] تۈرك ئەللىرىنى سامانى ئوغۇللىرىدىن ئالغان ” [4]لىقى ۋە ئاخىرىدا دادىسى ھۆسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقىي – جەنۇبىي ساھىلىدا تېپىلغان بارىسخان شەھەرى بىلەن يېقىن باغلىنىشى بار ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلگەن .[5] بۇلارغا قارىغاندا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قاراخانىلار سۇلالىسىغا مەنسۇب ئىكەنلىكى ۋە ئەجدادىنىڭ بۇ سۇلالىنىڭ بىر مەشھۇر ئەزاسى ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ . بۇ ئەجداد كىم ؟ بۇ يەردە مەھمۇدنىڭ ئەجدادى دەپ مۇزاكىرە قىلىشقا بولىدىغان ئىككىلا شەخس بار . بۇلار ماۋەرا ئۇننەھرى دەستلەپ بويسۇندۇرغان ، ئۇنۋانى بۇغراخان دەپ ئاتالغان ۋە ھېجىرىيە 382 – يىلى ( 992 م) سامانى ئوغۇللىرىنىڭ پايتەختى بۇخارانى ئالغان ھارۇن ( ھاسان ) بىن سۇلايمان ياكى بولمىسا ئۇنۋانى ئارسلان ئىلىگ دەپ ئاتالغان ۋە ھېجىرىيە 389 – يىلى ( 999 م) غەزنەۋىلىك مەھمۇد بىلەن بىرلىكتە سامانى دۆلىتىنى ئاياقلاشتۇرۇشقا سەۋەبچى بولغان ناسىر بىن ئەلى[6]. ھالبۇكى ناسىربىن ئەلىنىڭ سۇلالىنىڭ غەربىي تارمىغىدىن ئىكەنلىكى ۋە مەھمۇد قەشقەرى تەرىپىدىن بايان قىلىنغان قەشقەرنىڭ ھامان سۇلالىنىڭ شەرقىي تارمىقىغا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈلسە ، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئەجدادى دەپ يالغۇز ھارۇن بىن سۇلايماننى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ.[7] [8] بىر تەسادىپىي ئېسىل يالداما ئورنىدا قولىمىزدا بارىسخاندا بېسىلغان ھېجىرىيە 5 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىغا ( تەخمىنەن 1048 – 1058 ) تەۋە بەزى تەڭگىلەر ساقلانماقتا[9]. ئەپسۇسكى بۇ تەڭگىلەردىكى يەزىقلاردا شۇ دەۋردىكى بارىسخان ئەمىرلىرىنىڭ يالغۇز ئىسلامى لەقەملىرى ۋە تۈركىئۇنۋانلىرىلا ئەكس ئېتىلگەن : شەمسىد دۆلە ئارسلان ئىلىگ . بۇ يەردە مەشھۇر قادىرخان بىن ھارۇننىڭ ئوغلى ۋە ماۋەرا ئۇننەھرنىڭ دەسلەپكى بويسۇندۇرغۇچىسى ھارۇن بىن سۇلايماننىڭ نەۋرىسى « بۇغراخان » مۇھەممەت بىن يۈسۈپنىڭ ھۆكۈمدار ئىكەنلىكى كۆرۈلىدۇ ( يۇقىرىغا قاراڭ ) . قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتىدا ئارسلان ئىلىگ ئۇنۋانى ( بۇغراخان ئۇنۋانى بىلەن ) قاغانلىق ئورتاقلىغىدا بىر قەدەم تۆۋەندە تۇرىدىغان ئادەملەرگە بېرىلەتتى[10] . ئىبن ئەسىرىدىن بىلىشىمىزچە مۇھاممەت يۈسۈپنىڭ يېنىدا چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن بىن مۇھەممەت ( ھېجىرىيە 444 – يىلىدىن يەنى 1056 -1057_ يىللىرىدا ھۈسەيىن بىن مۇھاممەتنىنب ئارسلان ئىلىگ بولۇپ بارىسخاندا ھۆكۈم سۈرگەنلىكىنى تەخمىنەن قىلىشقا بولىدۇ . شۇنداق بولغاندا ، ماۋەرا ئۇننەھرنىڭ دەسلەپكى بويسۇندۇرغۇچىسىنىڭ نەۋرىسى بولغان بارسخان ئەمرى ھۈسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ مەھمۇد قەشقىرىنىڭ دادىسى ھۈسەيىن بىر مۇھەممەتتىن باشقا كىشى ئەمەسلىكى ئېنىق . بۇ شەخس بارىسخان بىلەن ناھايىتى زىچ ئالاقىدار ۋە ماۋەرا ئۇننەھرنى بويسۇندۇرغۇچىنىڭ سۇلالىسىگە مەنسۇپ ئىدى دادىسى ھۈسەيىن بىننى مۇھەممەد قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتىدىن بولۇپ،بارسقان شەھىرىنىڭ ھاكىمى بولغان . ئەمما مىلادىيە 1058-يىلى ئوردىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق سىياسى مالىمانچىلىقتا دادىسى ئۆلتۈرۈلگەن . ئالىم 11- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى ئەتراپىدا باغداتتىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئوپالدا ئۆتكۈزگەن . ئوپالدا مەدرىسە مەھمۇدىيە ناملىق بىر مەدرىسىنى بىنا قىلىپ ئۆزى مۇددەرىسلىك قىلغان . 96-97 يېشىدا ئوپالدا ۋاپات بولغان . ئالىمنىڭ << تۈركىي تىللار دىۋانى >> ناملىق ئەسىرى باغداتتا مىلادىيە 1072-يىلدىن 1074-يىلغىچە يېزىپ تاماملانغان . 1076-يىلى ئالىم ئۇنى قايتا تۈزىتىپ ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ 27- خەلىپىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا بىننى مۇھەممەدىل مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىلغان. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرۇلۇق قولىمىزدىكى دىۋانۇ لۇغاتتىن تۈركنىڭ بەزى يەرلىرىدىكى ئۆزى تەرىپىدىن بېرىلگەن چەكلىك مەلۇماتلاردىن باشقا بىر نەرسە يوق.[12] بۇ مەلۇماتلارغا قارىغاندا مەھمۇدنىڭ « ئۆز قەۋمىنىڭ ( يەنە تۈركلەرنىڭ ) ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىسىگە مەنسۇب »[13] ئىكەنلىكى ، دادىلىرىنىڭ يەنى ئەجدادىنىڭ[14] تۈرك ئەللىرىنى سامانى ئوغۇللىرىدىن ئالغان”[15] لىقى ۋە ئاخىرىدا دادىسى ھۆسەيىن بىن مۇھەممەتنىڭ ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقىي – جەنۇبىي ساھىلىدا تېپىلغان بارىسخان[16] شەھەرى بىلەن يېقىن باغلىنىشى بار ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلگەن.[17] بۇلارغا قارىغاندا مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قاراخانىيلار سۇلالىسىغا مەنسۇب ئىكەنلىكى ۋە ئەجدادىنىڭ بۇ سۇلالىنىڭ بىر مەشھۇر ئەزاسى ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ . بۇ ئەجداد كىم ؟ بۇ يەردە مەھمۇدنىڭ ئەجدادى دەپ مۇزاكىرە قىلىشقا بولىدىغان ئىككىلا شەخس بار . بۇلار ماۋەرا ئۇننەھرى دەستلەپ بويسۇندۇرغان ، ئۇنۋانى بۇغراخان دەپ ئاتالغان ۋە ھېجىرىيە 382 – يىلى ( 992 م) سامانى ئوغۇللىرىنىڭ پايتەختى بۇخارانى ئالغان ھارۇن ( ھاسان ) بىن سۇلايمان ياكى بولمىسا ئۇنۋانى ئارسلان ئىلىگ دەپ ئاتالغان ۋە ھېجىرىيە 389 – يىلى ( 999 م) غەزنەۋىلىك مەھمۇد بىلەن بىرلىكتە سامانى دۆلىتىنى ئاياقلاشتۇرۇشقا سەۋەبچى بولغان ناسىر بىن ئەلى.[18] ھالبۇكى ناسىربىن ئەلىنىڭ سۇلالىنىڭ غەربىي تارمىغىدىن ئىكەنلىكى ۋە مەھمۇد قەشقەرى تەرىپىدىن بايان قىلىنغان قەشقەرنىڭ ھامان سۇلالىنىڭ شەرقىي تارمىقىغا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈلسە ، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئەجدادى دەپ يالغۇز ھارۇن بىن سۇلايماننى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ.[19] بىر تەسادىپىي ئېسىل يالداما ئورنىدا قولىمىزدا بارىسخاندا بېسىلغان ھېجىرىيە 5 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىغا ( تەخمىنەن 1048 – 1058 ) تەۋە بەزى تەڭگىلەر ساقلانماقتا.[20] ئەپسۇسكى بۇ تەڭگىلەردىكى يەزىقلاردا شۇ دەۋردىكى بارىسخان ئەمىرلىرىنىڭ يالغۇز ئىسلامى لەقەملىرى ۋە تۈركى ئۇنۋانلىرىلا ئەكس ئېتىلگەن : شەمسىد دۆلە ئارسلان ئىلىگ . بۇ يەردە مەشھۇر قادىرخان بىن ھارۇننىڭ ئوغلى ۋە ماۋەرا ئۇننەھرنىڭ دەسلەپكى بويسۇندۇرغۇچىسى ھارۇن بىن سۇلايماننىڭ نەۋرىسى « بۇغراخان » مۇھەممەت بىن يۈسۈپنىڭ ھۆكۈمدار ئىكەنلىكى كۆرۈلىدۇ 11-ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر تۈركىي تىلشۇناس، ئېنىسكلوپېدىك ئالىم، تۇلۇق ئىسمى مەھمۇد ئىبنى ھۈسەيىن ئىبنى مۇھەممەد كاشغەرىي، ئالەمشۇمۇل كاتتا ئەسەر «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا پۈتۈلىشىچە، ئۇ 11-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھازىرقى قەشقەر توققۇزاق ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئوپال يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئەمما ئۆلۈپ كەتكەن كونكرېت ۋاقتى ئېنىقسىز، مەھمۇد كاشغەرىي ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرى توغرۇلۇق «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ مۇقەددىمىسىدە ئۆزىنى «ئاتام ھۈسەيىن، بوۋام مۇھەممەد، مەن قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتىدىن، ياخشى تەربىيە كۆرگەن شاھزادىمەن» دەپ بايان قىلغان. ئۇ ئۆزىنى «تۈركلەر ئىچىدە تىلىم ئەڭ پاساھەتلىك، بايانلىرىم چۈشىنىشلىك، مۇكەممەل تەربىيە كۆردۈم. ئېسىل نەسەبتىنمەن، نەيزە ئېتىشقا ماھىر، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان قەبىلىلەرنىڭ شەھەر-بازارلىرى ۋە رايۇنلىرىدا بولدۇم» دەپ تۇنۇشتۇرغان. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئاتىسى ھۈسەيىن بارسخان (ھازىرقى قىرغىزىستان ئىسسىقكۆلنىڭ جەنۇبى) نىڭ ھۆكۈمرانى ئىدى. ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەھمۇد كاشغەرىيىنىڭ ئانىسى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر ئالىمى غوجا سەيپىدىن بۇزرۇكۋارنىڭ قىزى بۈۋى رابىيە بولۇپ، بۈۋى رابىيە كىچىكىدىن باشلاپلا ئاتىسىدىن ياخشى تەلىم ئالغان. ئۇ خېلىلا بىلىملىك بولۇپ، مەھمۇد كاشغەرىيىنىڭ ئۈسۈپ -يېتىلىشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مەدەنىيەت بىلىملىرىگە قىزغىن ئىشتىياق باغلىشى، ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەت يىتىلدۈرۈشىگە تۈرتكە بولغان. بۈۋى رابىيە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئوپالغا توتىشىدېغان يول بويىدىكى يىكچى (ھازىرقى توققۇزاق ناھىيەسىنىڭ ئوپال يېزىسى تەۋەسىدە) دېگەن جايغا دەپنە قىلىنغان، ئۇنىڭ قەبرىسى ھېلىمۇ شۇ يەردە، قەشقەر ئاياللىرى بۇ ھۆرمەتلىك ئانىغا ھېلىمۇ ئىززەت-ئىكرام بىلدۈرىدۇ. ئۇنى «ئۇلۇغ موما» دەپ ئاتىشىدۇ. ھەر خىل دىنىي پائالىيەتلەردە ئۇنىڭدىن شاپائەت، ئامانلىق تىلەيدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنى ئوپالدا ئۆتكۈزگەن ۋە سارايغا يېقىن جايدىكى مەدرىسەدە ئوقۇغان، كېيىن سۇتۇق بۇغراخان زامانىسىدا ئېچىلغان قەشقەر مەدرىسەسىگە ئۇقۇشقا كىرىپ، شۇ زامانلاردىكى مەشھۇر ئۆلىما، مۇدەررىس ھۈسەيىن ئىبى خەلەف كاشغەرىيدىن تەلىم ئالغان. ئىلىم-مەرىپەت تىلى دەپ قارالغان ئەرەب تىلى، پارس تىلىنى پىششىق ئىگىلىگەن. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بوۋسىسى، قارخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خانى مۇھەممەد بۇغراخان 15 ئاي ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، تەختنى چوڭ ئوغلى ھۈسەيىنگە قالدۇرىدىغانلىقىنى قارار قىلغان. بىراق، مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ توقال خانىشىدىنمۇ ئىبراھىم دەيدىغان بىر ئوغلى بار ئىدى. بۇ توقال خانىش تەختنىڭ ھۈسەيىنگە قېلىشىغا جان-جەھلى بىلەن قارشى بولغانلىقى ئۈچۈن، ھۈسەيىن تەختكە ئولتۇرىدىغان مۇراسىم كۈنى سۈيقەست ئىشلىتىپ، قانلىق سىياسى ئۆزگۈرۈش قوزغىغان. ئۇ قولچوماقلىرىنى تاماققا زەھەر سېلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، ئاقىۋەتتە ئۇنىڭ ئېرى بولمىش مۇھەممەد بۇغراخاننى ئۆزئىىچىگە ئالغان خان ئوردىسى ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى زەھەرلىنىپ ئۆلگەن. ئارقىدىنلا ئۇ ئايال يەنە تاغىسى سۇلايماننى بۇغۇپ ئۆلتۈرگۈزگەن. ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماي، ئېرى ۋە قېيىنئىنىسىنىڭ نۇرغۇن ئۇرۇق-توغقانلىرىنىمۇ ئۆلتۈرگۈزۋەتكەن. سۈيىقەستى ئىشقا ئېشىپ سىياسى ئۆزگۈرىشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئوغلى ئىبراھىمنى تەختكە ئولتۇرغان. مەھمۇد ئاتىسى تەختكە ئولتۇرۇپ، ئۆزى شاھزادە بولۇش ئالدىدا تۇرغاندا، يەنى مۇراسىم كۈنى پاجىئە يۈز بېرىپ، پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەر پاجىئەدە قازا قىلىپ، تىكەندەك يالغۇز قالغان ۋە سىياسىي ئۆزگۈرۈشتىن كېيىن يۇرتىدىن دەرھال بېشىنى ئېلىپ، ياقا يۇرتلارغا سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كەتكەن ۋە شۇ كۈندىن ئېتىبارەن 15 يىللىق ئىلىم تەھسىل قىلىش سەپىرىنى باشتىن كەچۈرگەن. مىسال-نەمۇنىلىرى تولۇق، مەزمۇن تەپسىلىي لۇغەت تۈزۈپ چىقىپ، شۇ زامانلاردا ياشىغان تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ تىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن، كەڭ دائىرىلىك ماتېرىيال توپلاشقا، شۇ دەۋردىكى شارائىتتتا بۇ خىزمەتنى تاماملاش ئۈچۈن نۇرغۇن يىل تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلەتتى. شۇلارغا ئاساسەن جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، مەھمۇد كاشغەرىي بۇ ۋەقەدىن كېيىن ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، ئەتراپتىكى تۈركىي قەبىلىلەرنى كېزىشنى باشلىۋەتكەن. نەتىجىدە شۇ قەبىلىلەرنىڭ شېۋىلىرىنى پىششىق ئىگىلەش بىلەن بىللە، نۇرغۇن ماتېرىيال توپلىغان. ئەلۋەتتە، مەھمۇد كاشغەرىي ئەلگە تىل جەھەتتىكى بىلىملەرنىلا سۇنۇپ قالماستىن، يەنە تېخى تۈركىي قەبىلىلەرنىمۇ تەپسىلىي تۇنۇشتۇرۇپ چىققان. دېمەك، بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ بۇ رايۇننىڭ ئىجتىمائىي، جۇغراپىيەۋى مۇھىتىنى پىششىق بىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەسەرلىرى قاراخانىلار سۇلالىسى دەۋرىدە، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تېز تەرەققىي قىلغان بولۇپ ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› ۋە ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ روياپقا چىقىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› قاراخانىلار دەۋرىدە قەشقەرلىك مەھمۇد كاشغەرىي ئەرەب تىلىدا يېزىپ چىققان بولۇپ، تارىخشۇناسلىق، تىلشۇناسلىق، ئەدەبىياتشۇناسلىق قاتارلىق ساھەلەرنىڭ بىباھا گۆھىرى ھېسابلىنىدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي قەشقەرلىك بولۇپ، قاراخانىلارنىڭ خان جەمەتىدىن بولغاچقا، سىستېمىلىق مەدەنىيەت تەربىيەسىگە ئىگە بىر ئۆلىما. مەھمۇد كاشغەرىي ئەرەب تىلىنىڭ ئەينى دەۋردە قاراخانىلار زېمىنىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۈركىي تىلىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە، ئەرەب تىلىدا ئىزاھلانغان تۈركچە لۇغەت تۈزۈپ چىقىش قارارىغا كەلگەن. شۇڭا ئۇ غەربىي يۇرت ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قەۋملەر زېمىنىدا ئون نەچچە يىل قىدىرىپ تەكشۈرۈش قىلىپ، بىرىنچى قول ماتېرىيال ۋە ئۇچۇرلارنى تولۇق ئىگىلەپ، 1074 – يىلى باغدادتا ‹‹دىۋان لۇغاتىت تۈرك›› دىن ئىبارەت سەككىز بۆلەكلىك بۇ بۈيۈك ئەسەرنى تاماملىغان. ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› دا خاتىرىلەنگەن سۆز 7500 دىن ئارتۇق بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمكى تارىخى، جۇغراپىيەسى، مىللىتى، مەدەنىيىتىگە ئائىت مول مەزمۇنلار تىلغا ئېلىنغان. مەزكۇر ئەسەردىكى ھەربىر سۆز ئەرەب تىلىدا ئىزاھلانغان بولۇپ، قاراخانىلار دەۋرىدىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان بۈيۈك قامۇستۇر. (مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ھازىرغىچە تېپىلغىنى يوق، ئۇنىڭ ئەڭ بۇرۇن كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى ئىرانلىق مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇ بەكرى تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن، ھازىر تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى دۆلەتلىك كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتىدۇ) بۇ ئەسەرنىڭ بىردىنبىر نۇسخىسى تۈركىيەدە جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بولۇپ، 1914 – 1916 – يىللىرى نەشر قىلىنغان. كېيىن ئۇنىڭ مىخ مەتبە نۇسخىسى، فاكسىمىلى، نېمىسچە ئىندىكىسى، تۈركچە، ئۆزبېكچە تەرجىمە نۇسخىلىرى نەشر قىلىنغان. ھازىر بۇ ئەسەر كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى. 1981 – يىلى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئۈچ توملۇق قىلىپ نەشر قىلغان. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ پۈتۈكلىرىدىن قارىغاندا، ئۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن باشقا، يەنە «تۈركىي تىللار گىرامماتىكىسىنىڭ تۈپ مەنىسى» دەيدىغان تۈرك تىلى گىرامماتىكىسىنىمۇ تۈزگەنلىكى مەلۇم، ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ ئەسەر دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.

EXTERNAL REFERENCES

باشقا مەنبەلەر