This record combines Uyghur-language biography with an English discovery summary and a restored or interpretive portrait.
ENGLISH SUMMARY
Ali-Shir Nava'i Ali-Shir Nava'i is the central figure of Chaghatay literature — the shared classical tradition behind both modern Uyghur and Uzbek letters — and a statesman of the Timurid court at Herat. Writing in Chaghatay Turkic rather than Persian, he argued in Muhakamat al-Lughatayn that Turkic was the equal of Persian as a literary language, and demonstrated it across a vast body of ghazals, epics and treatises. He was also a patron of scholarship, architecture and painting.
Chaghatay literature Muhakamat al-Lughatayn Xamsa Timurid Herat Chagatai Turkic poetry
UYGHUR BIOGRAPHY
تەرجىمىھال ئەلشىر ناۋائى (پارىسچە، چاغاتايچە: نظام الدین على شير هروی; Nizām al-Din ʿAlī Shīr Herawī) - ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم شائىرلارنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، زامانىدىكى دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابىدۇر. ناۋائىنىڭ ئىجادىيىتى ۋە ئەسەرلىرى چاغاتاي ئۇيغۇرچىسى ۋە چاغاتاي ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققى قىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.
قىسقىچە ھاياتى
بۈيۈك شائىر، مۇتەپەككۇر نىزامىدىن ئەلىشىر ناۋائىي مىلادى 1441 – يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى (17- رامازان 844 ھ.) ھېرات (ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى بىر شەھەر ) شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى تۆمۈرىيىلەر سارىيىغا يېقىن كىشىلەردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى غىياسىدىن بارلاسمۇ خوراسان شاھى ئۇبۇلقاسىم بابۇر سارىيىدا ھەربىي ئەمەلدار بولغان ئىدى .
تۆمۈرىلەر پادىشاھى شاھرۇھ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەۋج ئالغان تاج – تەخت تالىشىش ئۇرۇشلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ناۋايى ئائىلىسىنىڭ ھېراتتىن ئىراقنىڭ تەفىت شەھىرىگە كۆچۈشى سەۋەبلىك، ئەلىشىرگە ئۆز ئوقۇشىنى تەفتىدە داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كەلدى. ئۇ تەفت شەھىرىدە 15 – ئەسىرنىڭ مەشھۇر تارىخچىسى شەرەفىدىن ئەلى يەزدى بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەردە بولدى . ئالىم ئەلىشىرنىڭ يۇقىرى تالانتى ۋە ئۆتكۈر ئەقىل – پاراسىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇنىڭغا كۆپ ئىلھام بەردى. شەرەفىدىن ئەلى يەزدى بىلەن ئۇچرىشىش ناۋايىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە زور ئىش بولدى.
ئەلىشىر 12 – 13 ياشلارغا كىرگەندە ئاتىسى ۋاپات بولۇپ، ئۇبۇلقاسىم بابۇرنىڭ قولىدا قالىغان ۋە ئۇنىڭ تەربىيىسىدە بولىغان . 15 يېشىدىن باشلاپ شائىرلىق بىلەن شۆھرەت قازانغان ياش ئەلشىر ھۈسەيىن بايقارا (سۇلتان ساھىبقىران ھۈسەيىن باھادىرخان ، 1469 – يىلى ھېراتتا تەختتە ئولتۇرغان، 1505 – يىلى ۋاپات بولغان، مەشھۇر شائىر بولۇپ، بىرمۇنچە شېئىر ۋە غەزەللەرنى يازغان) بىلەن بىللە ئۇبۇلقاسىم بابۇرنىڭ سارىيىدا خىزمەت قىلىشقا باشلىغان. 1456 – يىلى بابۇر بىلەن بىللە مەشھەدكە بارغان. 1457 – يىلى بابۇر ئۆلگەندىن كېيىن ، ھۈسەيىن بايقارا تەخت ئىگىلەش ئۈچۈن كۈچ ئۇيۇشتۇرۇش نىيىتىدە مەرۋىگە كەتكەن . ناۋايى مەشھەدتە قېلىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. بۇ يەردە ئۇ ئۆز زامانىسىنىڭ مەشھۇر شائىرى كامال تۇرباتى بىلەن ئۇچرىشىغان ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇق ئورناتقان .
ناۋائى ھىراتتا تۇغۇلغان ۋە شۇ يەردە ياشاپ ئۆتكەن بولسىمۇ، نەسەبنامىسىدە ئېنىق قىلىپ «ئەلىشىرنىڭ ئاتىسى غىياسىدىن كىچىك ئۇيغۇر باخشىلىرىدىن ئىدى» دىيىلگەن. ئۇيغۇر خەلقى نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ئەلىشىر ناۋائىنى ئۆز شائىرى دەپ بىلىپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى مۇقام، ناخشىلار بىلەن بىللە ئوقۇپ، مەدرىسلەردە دەرسلىك قىلىپ ئوقۇپ كەلگەن.
ئەلىشىر ناۋائىي گەرچە نۇرغۇن تەڭدىشى يوق مۇھەببەت مىسرالىرىنى يازغان بولسىمۇ ئۆمرىدە ئۆيلەنمىگەن. 1501 يىلى 1 – ئاينىڭ 3 – كۈنى (12- جامادىيەلئاخىر 906 ھ.) 59-60 يېشىدا ھېراتتا ۋاپات بولغان.
EXTERNAL REFERENCES
باشقا مەنبەلەر